BirkunBolsimu - Ghoji Metqurban
词:Goji Matkurban
曲:Goji Matkurban
ئېچىلسا دېدىم مەن بىر گۈل بولسىمۇ
كۈلسىكەن دېدىم مەن ھەربىر كۆڭۈلمۇ
تەڭ ياشاپ ھاياتتا سۆيۈلمىگەننى
سۆيدۈرەي دېدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ
تەڭ ياشاپ ھاياتتا سۆيۈلمىگەننى
سۆيدۈرەي دېدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ
مىسكىنلەرنىڭ كۆڭلىگە ئۈمىد يېقىشنى
ئوتىدا تەڭ كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىشىنى
رەنجىنكەن بولسام مەن كەچۈرىشىنى
مەن تىلەپ يانمىدىم بىر كۈن بولسىمۇ
ئېچىلسا دېدىم مەن بىر گۈل بولسىمۇ
كۈلسىكەن دېدىم مەن ھەربىر كۆڭۈلمۇ
تەڭ ياشاپ ھاياتتا سۆيۈلمىگەننى
سۆيدۈرەي دېدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ
دۈشمەنلىرىم كۆز يېشىم كۈتۈپ تۇرسىمۇ
تەنە ھەم تۆھمەتتىن قۇرۇپ تۇرسىمۇ
مەن يەنە كۆڭلىگە مۇھەببەت تىلەپ
ياشاي دەپ كەلدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ
ئېچىلسا دېدىم مەن بىر گۈل بولسىمۇ
كۈلسىكەن دېدىم مەن ھەربىر كۆڭۈلمۇ
تەڭ ياشاپ ھاياتتا سۆيۈلمىگەننى
سۆيدۈرەي دېدىم مەن بىر كۈن بولسىمۇ