Heyyar
Perwaz
更新时间:2025-02-20 06:06:14
文件格式:mp3
Dada Emesmu - Heyyar
词:Heyyar/小嘻哈Ddawut/Perwaz
曲:Heyyar
تۈرۈلدى قوشۇما قاش ئاكامنىڭ ئىگىلىدى غايەت قامىتى
چۇۋۇلدى رەتلىك چاچ ئانامغا تەقدىر بەرگەن ئاپىتى
ئۇكام قۇچاقتا غەمسىز بوۋام كۆز چاناقلار نەمسىز
شۇندىن باشلاپ ھاياتمۇ تەمسىز ئۆچتى ئۆيۈمنىڭ ئامىتى
سەن كىتىپ ئالەم قاراڭغۇ قاراڭغۇدا ئازدى ئوغلۇڭ
سەن يوق رولۇم سەن يوق يولۇم ئۆز گۆرىنى قازدى ئوغلوڭ
ئۆگەتكەنتىڭ دەس تۇرۇشنى دۈشمەنگە دۈشمەنچە قەست بولۇشنى
بويۇن قىسمايتى سەن بارىڭدا ھازىر ھەمرا سوغۇق بۇلۇڭ
شام ئىدىڭ سەن شام بولاي دەپ ئەپسۇس سەندەك يورىيالمىدىم
ئوغلۇڭمەن دەپ جار سالدىم لېكىن دادا سېنى مەن دورىيالمىدىم
سورىيالمىدىم ئۆزۈمنى بىر تالاي مۇشەققەت ئەگدى تىزىمنى
ۋىجدان ئازابى تارتقاندا ئاققان ياشلىرىمنى تورىيالمىدىم
كەتكىنى مېنى تاۋلىغان قەھرىمانىم دادام ئەمەسمۇ
تۇغقانلارنىمۇ كۆردۈم مىراس جېدىلىنى باشلىدى
بىچارە مەزلۇمە ئانام كۈندە كۆزىنى ياشلىدى
ھايات مۇھەببەتتىن ئايرىپ نىجىس يولغا تاشلىدى
تىنچ خاتىرجەم تۇرمۇشم> قۇچاق ئاچمىدى
جان جىگىرىم دەپتىمەن ئارقامدىن پىچاق بىلەيدۇ
ئاددى ئويلاپ كەپتىمەن خۇشاللىقىمنى كىم تىلەيدۇ
جان دادا قارا ئوغلۇڭ قالدى يوتقان ياستۇقسىز
قارا بىسىپ چاچراپ ئويغانسام بىشمنى كىم سىلايدۇ
دادا
كۆزۈڭنى ئاچ دادا
مۇسىبەتتە قالغان ئائىلەڭنى ئىلىپ قاچ دادا
كۆنۈپ بولالمىدىم سەن يوق تۇرمۇش
تۈگۈپ بولالمىدىم سەن يوق بىر مۇش
ئويغان دەپ سۇ چاچ دادا كۆزۈڭنى بىر ئاچ دادا
ئوغلۇڭ سېغىندى سىنى قەيەردە سەن جان دادا
رەھمەت تەقدىر خاتىرجەمسىزلىكنى قىلدىڭ سوۋغا
رەھمەت تەغدىر نابۇت قىلدىڭ كەلگۈسۈمنى تىكىپ دوغا
قايتۇرۇپ بەر دادامنى مەن باراي دارغا
يوقال ھايات جاق تويدۇم ئايلىناي ئوۋغا
تۇغۇلۇپ ياشاپ ئۆلۈش
چىكەڭگە تاڭ پەلسەپەڭنى
مەرھۇم داداڭ ياخشى جايدا
كۆتە بۇ سەپسەڭنى
ئۆتۈنەي دادا قايتىپ كەل قاناي مىھىر مۇھەببەتكە
ئۆلگۈچە خىزمىتىڭدە بولاي مەڭگۈ تائابەتكە
ھىم يىغلا يىغلا يىغلا دادا ئەمەسمۇ
لەپىلدىگەن بايراق ئىدىڭ تۈۋرۈك بولغان خادا ئەمەسمۇ
بېشىڭنى تاشقا ئۇر كۆزۈڭنى ياشقا زورلا
قۇچاقلا رەسىمىنى ئېغىر كەلدىمۇ نەپەسمۇ
ئانا ئايىغى ئاستىدا ئاتا بىر قوللۇق پەرۋىش قىلغان
داداڭ بولغاچ دۇنيانى سەن شۇ قەدەر گۈزەل ھېس قىلغان
دېمى سىقىلغان يۈرەك تىلىنغان ئۈمىد قىرىلغان بىچارە بالا
كەتكەن دادىسىدىن نارازى سوغۇق بۇلۇڭغا بەنىت قىلىنغان
ھەربىر ئىشى بىر ھىكمەتتى ھۆركۈرسە تاغ تىتىرەتتى
ئېغىريۈكنى كۆتتىرەتتى خىرىسلارنى چۆكتۈرەتتى
يېرتىلغان كونا كېيىمنى ئىغىر كۆرمەستىن تىكەتتى
ئاددىي ساددا ئەپۇچان داداڭ تۇرمۇشقا قاراپ مۇشت تۈگەتتى
نارازى بولە داداڭدىن گاداي غالچا مالاي ئەمەسمۇ
ئىزدىدىڭ دوست يارەننى تەسەللىي بولا دەپ
تەڭلىدى نېجىز ھاراقنى تەڭشەلدى بولا دەپ
قاتتى ھەم توپىغا ئاۋۇ قىزنى بۇلا دەپ
تاشلىدى پوق پاتقاققا ئال نېسىۋەڭ بۇلار دەپ
ئەسقاتتىمۇ تۇققۇنۇڭ
نېپىز كەلدىمۇ يوتقونۇڭ
كۆرۈنمەيدىغۇ قىيامەتلىك دەپ قوللىنى تۇنقۇنۇڭ
ئۇققىنىڭدا پۇشايمانغا قاچا تاپالماي داداڭ بېشىدا
زار زار يىغلاپ توپىغا مىلىنىپ ھەسرەتتەگال بوغقۇنۇڭ
ھە قاقشا دوست يارەنگە ئىشەنگەن كۆڭۈلگە قاقشا
ئەسلى جەمىيەت ئاشتا زەھەر تېتېدمۇ ناشتا
كۆمۈش چاچ خىزىر ئاتاڭنى قاقشىتىپ بالا بولدۇڭ
پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن ئۆزۈڭنى تاپ يادنى تاشلا
تەغدىرـ قىسمەت ئۆز يولىدا تىركىشىۋاتقان سەن ئەمەسمۇ
ئەزەلدىنلا قەدىرى يوقتۇر ياندا بارى
ئىنسان دىگەن ياندا يوقنىڭ ئىنتىزارى
تاشلا ئىللەتنى باسقىن داداڭ يولىنى
ئۆگەن ھۆرمەت ـ ئېززەتنى يوقات نادامەت توۋېنى
يېتىمدىن ئاقىلغا ئايلان پۈتكۈل دۇنياتەسىرلىنىدۇ
ئۆلگىچە بەرداشلىق بەرگىن داداڭ سەندىن پەخىر لىىنىدۇ
ياشا تونۇپ ھەق ـ ناھەقنى ھۆرمەت ساداقەتنى ئېلغاپ
ئالەم رەزىل بولمىسا بوۋاق تۇغۇلغاندا بېرەمتى سالامنى يىغلاپ