ئولتۇرىسەن مۇڭلىنىپ
كۆزلىرىڭ غەمكىن بېقىپ
كۆزلىرىڭ غەمكىن بېقىپ
ئەسلەيسەن يايرىڭنى سەن
بىرگە ئۆتكەن كۈننى سەن
بىرگە ئۆتكەن كۈننى سەن
گۈلۈم كەتتى يۈز ئۆرۈپ
يۈز ئۆرۈپ دەرتكە سېلىپ
مەن قالدىمغۇ كۆزگە ياش ئېلىپ
سەن دېمىگىن كەتمە جېنىم
كەتمە جېنىم ئايرىلىپ
مەندىن كەچمە مەندىن كەچمىگىن
ئەجەب قىلدىڭ يا ماڭا
قالدى ئارمان كۈل بولۇپ
قالدى ئارمان كۈل بولۇپ
بەربات بولدى چۈشلىرىم
قالارسەنمۇ ئاھ ئۇرۇپ
قالار سەنمۇ ئاھ ئۇرۇپ
سەندىن باشقىسى يوقمۇ
باشقا يار تېپىلماسمۇ
سەن ئىدىڭغۇ ئارمىنىم
ئارمىنىم بەختىم مېنىڭ
كۆزدىن ئاققان تامچە ياشلىرىم