kara atrapka- kirlik istikan - 群星
كۆز ئاچتۇق دۇنياغا ۋاپا رىشتىدە
شاتلىق ۋە قايغۇغا بولۇپ قوش كېزەك
جاھاننى چۈشىنىش ئەقلى بىزدە بار
نىمىشقا ئۇخلايمىز تارتىشىپ خورەك
قارا ئەتراپقا قارا ئەتراپقا
بىزلەردىن نىمىنى كۈتىدۇ كۆزلەر
نىئمەت سەپىرىدە قالسۇن ئىزىمىز
مەردانىلەر ئەركەكلەر گەپنى ئاز سۆزلەر
توختىغىن ئەي دۇستۇم ساڭا گىپىم بار
قەيەردىن كەلدىڭ سەن قەيەرگە ماڭدىڭ
يوقمىدى مۇڭدۇشۇپ ماڭار ھەمرايىڭ
قايسى بىر ھەۋەسنىڭ ئوتىدا ياندىڭ
قارا ئەتراپقا قارا ئەتراپقا
بىزلەردىن نىمىنى كۈتىدۇ كۆزلەر
نىئمەت سەپىرىدە قالسۇن ئىزىمىز
مەردانىلەر ئەركەكلەر گەپنى ئاز سۆزلەر
كۆز ئاچتۇق دۇنياغا ۋاپا رىشتىدە
شاتلىق ۋە قايغۇغا بولۇپ قوش كېزەك
جاھاننى چۈشىنىش ئەقلى بىزدە بار
نىمىشقا ئۇخلايمىز تارتىشىپ خورەك
قارا ئەتراپقا قارا ئەتراپقا
بىزلەردىن نىمىنى كۈتىدۇ كۆزلەر
نىئمەت سەپىرىدە قالسۇن ئىزىمىز
مەردانىلەر ئەركەكلەر گەپنى ئاز سۆزلەر
ئەي دوستۇم
ئەمەستۇر ماڭغىنىڭ بارسا كەلمەس يول
غايىسى ئوخشاشلار تېپىشار يولدا
ماڭايلى قۇياشنى نىشانلاپ ئۇدۇل