Yarga Maktup - Yakupjan-Baki

Bahtiyar-Tayir

专辑:《Bahtiyartayir》

更新时间:2025-04-03 03:34:34

文件格式:flac

网盘下载

Yarga Maktup - Yakupjan-Baki 歌词

作词 : Bahtiyar-Tayir

作曲 : Bahtiyar-Tayir

سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ يايرىم بەكمۇ خۇش بولدۇم

كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلار تۆكۈلدى شۇئان

تۇيۇقسىزلا ئەسلەپ قالدىم شىرىن كۈنلەرنى

كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى سىياقىڭ ھامان

گەر بولسىمۇ جېنىم ئارىلىقىمىز يىراق

كۆيدۈرسىمۇ ئىشقى ئوتى يۈرەكنى بىراق

ئەگەر سەنلا سۆيۈپ ئۆتسەڭلا مېنى

مەنمۇ سېنى، سېنى سۆيىمەن

مۇزىكا

خەتلىرىڭنى كۆرۈپ يايرىم بەكمۇ خوش بولدۇم

شەيدا قىلدى مېنى يەنە شىرىن سۆزلىرىڭ

چىڭ قاماللاپ مەكتۇبىڭنى باغرىمغا باسسام

خىيالىمدا پەيدا بولۇر خۇمار كۆزلىرىڭ

گەر بولسىمۇ جېنىم ئارىلىقىمىز يىراق

كۆيدۈرسىمۇ ئىشقى ئوتى يۈرەكنى بىراق

ئەگەر سەنلا سۆيۈپ ئۆتسەڭلا مېنى

مەنمۇ سېنى، سېنى سۆيىمەن