Gul Chihra Banu - Nida
词:Nida
曲:Nida
ھاياتىمغا كەلدىڭ ئۆزگەردى ئۆمرۈم
بەختكە ئايلاندى ھەتتا ھەر كۈنۈم
ئەبەدى بولسۇن سەن بىلەن يولۇم
ئەركەم مىنىڭ گۈل چىھرە بانۇ
گۈزەل كۈنلەردە بىرگە بىز قارا
يامان كۈنىمىز بولمىسۇن زەررە
يەتتۇق بۈگۈنگە بىرلىكتە مانا
قەلبىمنىڭ مەلىكىسى گۈلچېھرە بانۇ
سەن بولساڭ يېقىن كەلمەيدۇ قايغۇ
ھاياتقا ئۈندەر قەلبىمدە تۇيغۇ
ئايرىلمىغان ھېچ يېنىمدىن مەڭگۈ
ھاياتىمنىڭ مەناسى گۈلچېھرە بانۇ
سەن بولساڭ يېقىن كەلمەيدۇ قايغۇ
ھاياتقا ئۈندەر قەلبىمدە تۇيغۇ
ئايرىلمىغان ھېچ يېنىمدىن مەڭگۈ
ھاياتىمنىڭ مەناسى گۈلچېھرە بانۇ
سەن باغىم بولغىن مەن بولاي تاغىڭ
ئازابلانساڭ گەر يىغلايدۇ يارىڭ
ئارزۇلىرىمىز ئاسمانىدا
ساق بولسا يىتەر تىنىڭ ۋەجانىڭ
گۈزەل كۈنلەردە بىرگە بىز قارا
يامان كۈنىمىز بولمىسۇن زەررە
يەتتۇق بۇ كۈنگە بىرلىكتە مانا
قەلبىمنىڭ مەلىكەسى گۈلچېھرە بانۇ
سەن بولساڭ يېقىن كەلمەيدۇ قايغۇ
ھاياتقا ئۈندەر قەلبىمدە تۇيغۇ
ئايرىلمىغان ھېچ يېنىمدىن مەڭگۈ
ھاياتىمنىڭ مەناسى گۈلچېھرە بانۇ
سەن بولساڭ يېقىن كەلمەيدۇ قايغۇ
ھاياتقا ئۈندەر قەلبىمدە تۇيغۇ
ئايرىلمىغان ھېچ يېنىمدىن مەڭگۈ
ھاياتىمنىڭ مەناسى گۈلچېھرە بانۇ