Qara Daydu - Six City
ئورۇنلىغۇچى ئالتە شەھەر
ناخشا تېكىستتىنى ياسىغۇچى
راھمانجان
مۇزىكا
ئۇ مەھەللەڭدىن بۇ مەھەللەڭگە دەپ ئويناي كەلدىم
مەيلىڭ بارمۇ يوقمۇ سىناي دەپ كەلدىم
مۇھەببەت شەكىلۋازلىق ئەمەس مەندە ئەسلا
كۆڭلۈم توق مەھەللەڭگە بارىمەن ئاقسا
قىلمىشىمنى ماقتا ئىپادەم تەمكىن
گەرچە تۇرمۇش بېسىمى سېنىسىمۇ تەكرار
چۈشەنسەڭ يۈرگەنسەڭ ئاشىقلىق مېنىڭ
ساداقەت ئۈستىدە سىناقلار سېنىڭ
كۆزلىرىڭدىن سورىماي ئەنسىرىمەي تەلىپىم
پاك قەلبىم سەن ئۈچۈن توسايدۇ كەلكۈن
ئەي رەنا قىز گۇمانخور سەن دائىم گاھىدا
يۈرەك قېتىمدىن ساداقىتىم جايىدا
ئىشەنچ بولسا بەئەينى رېلىسلاردا ماڭىمىز بۇ مۇھەببەت يولىدا
ھەسەتخورلار تۆھمەتى ئۆلسۇن ۋىجدانىم دۆلىتىمدە سەن ماڭا خانىش
جانىم پىدا ساڭا بىر ئۇيغۇر قىزى سەن ئۈچۈن پىدا بۇ يىگىت سۆزى
ئۇ مەھەللەڭدىن بۇ مەھەللەڭگە ئويناي دەپ كەلدىم
مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يوقمۇسىناي دەپ كەلدىم
قارا دەيدۇ قارار دەيدۇ قارا مەندە يوق
قارامۇقنىڭ قاسرىقىدەك گۇناھ مەندە يوق
چىقتىم مەھەللىدىن نىشانىم ئوڭ سول
مەھەللىنىڭ يوللىرى ئوڭغۇل دوڭغۇل
رەڭلىك چىراقلار يېنىپ كېتەر كېچىدە
تونۇش ئاۋازلار كېتەلمەس بۇ مەھەللىدە
بەلكىم تۇرمۇشىمدا يوقتۇر پۇلۇم يولۇم
سىز دىلىمدۇر قايمىدى يولۇم رولۇم
ئەگەر بولسا ئىشەنچ كەل قولۇڭنى سۇن
بۇ شەھەرگە بولغان مۇھاببىتىم نۇرغۇن
قىلدىم بۇ شەھەرگە نۇرغۇن ۋەدە
لېكىن تاپالمىدىم چىن سۆيگۈ نەدە
پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خىيالىم سەندە
تۈگىسۇن ھېكايە شۇنداقلا مەن بىلەن
بۇ مۇھەببەت ناخشىسى ياڭراپ كەتتى سېھرىدە
بۇ مۇھەببەت ناخشامدا سەن مېنىڭ بىىدى
ياق ياق ياق ياق ماڭا كېرەك راست جاۋاب
پاك مۇھەببەت ئۈچۈن چېلىڭلار چاۋاك
ئۇ مەھەللەڭدىن بۇ مەھەللەڭگە ئويناي دەپ كەلدىم
مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يوقمۇسىناي دەپ كەلدىم
قارا دەيدۇ قارا دەيدۇ قارا مەندە يوق
قارامۇقنىڭ قاسرىقىدەك گۇناھ مەندە يوق
ئۇ مەھەللىدىن كەلدۇق بۇ مەھەللىگە
يىگىتلەر شوخ شوخ چىقتۇق يۇقىرى پەللىگە
سالاپەتلىك شاھزادە ساقلاۋاتىدۇ مەلىكە
ئوتتۇرىسىدىكى چىن مۇھەببەت ئىشەنچىلىك ۋەدە
يېڭى تۇرمۇش يېڭى باشلىنىش ھاياتلىقتىكى يېڭى بۇرۇلۇش
گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تۈرگۈن مۇش
بولمىسۇن بەل بوش ئازابلانمىسا مەلىكە ئالدانمىسا شاھزادە
چىن باغلانسا ئەقىدە تۇرمۇش بولار ئازادە گ
ۈزەلدۇر ئەتە دېمە بەخت نەدە
تىرىشساڭ بىكار كەتمەس بەخت يەنىلا سەندە
مۆجىزىگە ئىشەن ھەم ئىشەن ئۆزەڭگە
چۈشتىن ئويغان قوشۇلغىن بىزنىڭ سەپكە
مويسىپىت ئالىيجانابلار تىلەر ساڭا دۇئاھ
تۇرمۇش ئىشىكى ئەمدى بولماس غۇۋا
ئەمدى چوپچوڭ يىگىت ئارقىدا بولىسەن ئاتا
پۈتۈن خەلق تىلەپ بەخت قىلار ساڭا دۇئا
ئۇ مەھەللەڭدىن بۇ مەھەللەڭگە ئويناي دەپ كەلدىم
مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يوقمۇسىناي دەپ كەلدىم
قارا دەيدۇ قارار دەيدۇ قارا مەندە يوق
قارامۇقنىڭ قاسرىقىدەك گۇناھ مەندە يوق