Abduwali Sattar
更新时间:2025-05-11 01:48:23
文件格式:flac
作词 : Abduwali Abdusalam
作曲 : Abduwali sattar
ئىزدەپ يۈرمە باغلاردىن مىنى
ئۆركەشلىگەن دەريادىن ئىزدە
سوراپ يۈرمە نەۋباھاردىن ھەم
خازاڭ تولغان يوللاردىن ئىزدە
بىلمەس مىنى مەيىن شاماللار
گۈلخان يانغان جايلاردىن ئىزدە
شوخ كۈي ناۋا ئىلكىدە مەن يوق
دىلنى ئەزگەن مۇڭلاردىن ئىزدە
تاپالمايسەن سۈبھىدىن مىنى
تۈنلەردىكى نىدادىن ئىزدە
بەختى قارا قىلدىڭ سەن مىنى
بىر يىگانە دۇنيادىن ئىزدە