Muhebbet / 爱情 - Mayira Alim
تۈن پەردىسىنى يىرتىپ تۇلۇنئاي ئۈزەر لەرزان ناز بىلەن كۆكتە
مەن يۈرۈيمەن ئۇيقۇدىن بىدار، يارنىڭ ئوتى كۆيگەچ يۈرەكتە
ھەر ئاخشىمى ئايلىنپ شۇنداق، تاما بىلەن ئايغا قارايمەن
كۆرۈپ تۇرغاچ يەر جاھاننى كۆرۈپ تۇرغاچ يەر جاھاننى جامالىڭنى ئايدىن سورايمەن
كەلدى ئاخىر ئايدىنمۇ نىدا، دىدى كۆردۈم مەھبۇبەڭنى مەن
ئىجاد مىھنەت قوينىدىن يارىڭ ئىلىپ كىلۇر يۇرتقا مۇھەببەت
......ئاھ .... ئاھھھ ..... ئاھھھھ .... ئاھھھ
ساڭا ئەمەس يۇرتقا دىگەچكە، شۇنىڭدىن مەن تاپتىم قانائەت
ئويلىمىساق ئانا يۇرتنى، ئويلىمىساق ئانا يۇرتنى قانداق روناق تاپسۇن مۇھەببەت